پاپا راھىپلارنىڭ جىنايىتىنى شەيتانغا ئارتىپ قويدى

كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي رەھبىرى پاپا فىرانجىس شەيتاننىڭ ھايات ئىكەنلكىنى ۋە كاتولىك چىركاۋلارنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىپ، ئىسمىن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1064799
پاپا راھىپلارنىڭ جىنايىتىنى شەيتانغا ئارتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىركاۋلاردىكى جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلىش جىنايەتلىرىگە شەيتاننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن پاپا فىرانجىس، بارلىق كاتولىكلارنىڭ شەيتاننى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن ئۆكتەبىر ئېيى بويىچە ھەر كۈنى مەخسۇس دۇئا ئوقۇشىنى تەلەپ قىلدى.

پاپا فىرانجىس پاپالىق ۋەزىپىسىنى باشلىغان 2013يىلىدا شەيتاننىڭ راس ئىكەنلىگە ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «شەيتاننى بىر چۆچەك، بىر سىمۋول، بىر سۆز ياكى بىر پىكىر دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم. بۇ خاتالىق بىزنىڭ قوغدىنىشىمىزغا توسالغۇ بولىدۇ ۋە بىزنى قوغدىنالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ» دېدى.

كاتولىك چىركاۋلار دۇنيا مىقياسىدا دېگۈدەك كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق شەرمەندىچىلىكلىرىگە دۈچ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن چىرۋكار ئىچىدىكى لىبرالىزمچىلار بىلەن دىندارلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىمۇ ۋاتىكاندا ئېغىر داۋالغۇش پەيدا قىلماقتا.

ئامېرىكانىڭ پەنسېلۋانىيە ئىشتاتى باھالىغۇچىلار ھەيئىتىنىڭ كاتولىك چىركاۋلاردىكى جىنسىي جىنايەتلەر ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە تەييارلانغان دوكلات پۈتۈن دۇنيادا قاتتىىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا كاتولىك چىركالاردا 300 باش راھىبنىڭ 70 يىل بويىچە 1000 غا يېقىن كىچىك بالىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ دوكلات 2002يىلىدا «Boston Globe» گېزىتىنىڭ جىنسىي جىنايەتلەر بۆلىمىدە ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئامېرىكىدا كاتولىك چىركاۋلاردىكى جىنسىي جىنايەتلەرگە دائىر خەلققە ئاشكارىلانغان ئەڭ تەپسىلىي مەلۇمات دەپ قوبۇل قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر