ئامېرىكا بىلەن ناتو رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس مەتتىس رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1063131
ئامېرىكا بىلەن ناتو رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەتتىس شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى قارارگاھىدا چاقىرىلغان ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيەگە چوقۇم تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، ئەگەر رۇسىيە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيەگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگمۇ تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە خىلاپ قىلىش قىلمىشىغا جىددىي قارايمىز. بۇ ھەقتە رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرىمىز ھەم كېلىشىمگە قەتئىي رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر