ترامپنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا دائىر قارارى سوتنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كالىفورنىيە ئىشتاتى سودىيەلىرىدىن ئېدۋارد چېن تەرىپىدىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلدى.

1062160
ترامپنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا دائىر قارارى سوتنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ ھايتى، سالۋادور، نىكاراگۇئا ۋە سۇدانلىق مۇساپىرلارغا بېرىلگەن «مۇۋەققەت مۇھاپىزەت قىلىش سالاھىيىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى، كالىفورنىيە ئىشتاتى سودىيەلىرىدىن ئېدۋارد چېن تەرىپىدىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلدى.

سودىيە چېن، ھۆكۈمەت قارارىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنى نەزەردە تۇتۇپ، 240 مىڭ پاناھلانغۇچىنىڭ ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدىغان قارارنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

چېن، قارارىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى يەكۈنلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەردىن باشقا سۇرىيە ، نېپال، يەمەن، ھوندۇراس، سومالى، جەنۇبىي سۇدان قاتارلىقلار 10 دۆلەت پۇقراسىغا مۇۋەققەت مۇھاپىزەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەردىن كەلگەن 330 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ بۇ سالاھىيەتكە تايىنىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە خىزمەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر 4 دۆلەتكە ئالاقىدار قارارى ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، 240 مىڭ پاناھلانغۇچىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئامېرىكا دائىرىلىرى مارت ئېيىدا ئۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە تەبىئىي ئاپەت دېگەندەك ئەھۋاللارغا دۇچار بولغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئامېرىكىدا ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېرىدىغان «ۋاقىتلىق مۇھاپىزەت قىلىش سالاھىيىتى» نى مەزكۇر 4 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل سالاھىيەت بىلەن تۇرۇۋاتقان مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر