خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى

مايك پېنس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ 2018 يىللىق سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

1062365
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئامېرىكا خەلقىنىڭ رايىنى بۇرمىلاش جەھەتتە خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مايك پېنس خىتاينى ئەيىبلەپ، پىرېزېدنت تراپمنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تاشقى سىياسەتتە يېڭى بۇرۇلۇش باشلىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بولسا، ئۇنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ھۇدسون ئىنسىتېتۇتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاينىڭ كۈچىنى ئامېرىكا سىياسىتىگە ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ، مەجبۇرلىغۇچى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «خىتاي باشقا بىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنى خالايدۇ» دېدى.

خىتاينىڭ ترامپنىڭ سودا ئىشلىرىغا نىسبەتەن قوغداش خاراكتېرلىق يولغا قويغان تاموژنا بېچى بەلگىلىمىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشتا، ئامېرىكىنىڭ 2018يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملىرىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىشتاتلىرىنى ۋە كارخانىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دونالد ترامقا تەرەپدارلىرىنىڭمۇ ئاۋاز بەرمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مايك پېنس ئامېرىكا خەلقىنىڭ رايىنى بۇرمىلاش جەھەتتە خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىر ئىستىخبارات مەسئۇلىنىڭ «رۇسلارنىڭ قىلغانلىرى، خىتاينىڭ دۆلىتىمىز مىقياسىدا قىلغانلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسە ئەمەس» دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

مايك پېنس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي بازا قۇرۇلۇشى پائالىيەتلىرى ۋە مانىۋېر ئۆتكۈزۈۋاتقان ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى خەلقئارا قانۇن يول قويغان ۋە دۆلەت مەنپەئەتىمىز تەقەززا قىلغان ھەرقانداق يەردە پائالىيەت قىلىشنى، ئۇچۇشنى ۋە تەسىرىنى كۈچلەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ بازارلارغا سېڭىپ كېرىۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى سەگەك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە خىتاينىڭ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان بىر ئامېرىكا شىركىتىگە پائالىيەت قىلىش رۇخسىتى بەرمەيمىز، دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ خىتاينى ئەيىبلدى.

مايك پېنس خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەمكىنرەك مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئوربېتىگە سۆرەش ئۈچۈن قەرز دېپلوماتىيەسى سىياسىتىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى ھەپتە خىتاينى 2018يىللىق سايلاملاردا دېموكراتچى رەقىبلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن مۇداخىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر