دونالد ترامپنىڭ باج ئوغرىلاشقا ياردەم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن تەڭ «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئائىلىسىنىڭ مىليونلىغان دوللارلىق باج ئوغرىلىشىغا ياردەم قىلدى» دېگەن سۆز ئامېرىكا مىقياسىدا مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىغا ئايلاندى.

1062058
دونالد ترامپنىڭ باج ئوغرىلاشقا ياردەم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنى تەنقىد قىلدى.

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ترامپنىڭ ئائىلىسىنىڭ مىليونلىغان دوللارلىق باج ئوغرىلىشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. گېزىتنىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ترامپ تەرەبدارلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

دونالد ترامپ ئەتىگەن تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى ئىلگىرى مەن قەتئىي قىلىپ باقمىغان ئىشتى خۇددى مەن قىلغاندەك كۆرسەتتى. پۇلنىڭ ھازىرقى قىممىتى ۋە ئۇقۇمىنى سۇيىئېستىمال قىلدى» دېدى.

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ %97 خەۋەرىدە ئۆزىنى يامان كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دونالد ترامپ، پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنى ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ناچار سايلام تەخمىنلىرىدىن قەتئىي قۇتۇلالمىدى» دېدى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس تۇنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دونالد ترامپنىڭ دادىسى فرېد ترامپ ۋاپات بولغىنى 20 بولدى. شۇنداقلىقىغا قارىماي، نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ ترامپ ئائىلىسىگە قارىتا خاتا، بۇرمىلاش خاراكتېرلىق خەۋەرلىرىگە شاھىد بولىۋاتقانلىقىمىز تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى» دېدى. 

ساراھ ساندېرس ئامېرىكا باج ئىشلىرى ئورگانلىرىنىڭ بۇ رەسمىيەتلەرنى قانچىلىغان يىللار ئىلگىرى تەكشۈرۈپ تاماملاپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى ۋە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى ئىشەنچىسى ھازىر تولىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. چۈنكى بۇلار خەۋەرچىلىك قىلىشنىڭ ئورنىغا 7 كۈن 24 سائەت ترامپ ۋە ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلىپلا يۈرمەكتە» دېدى.

ساندېرس نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ 1990يىلى گۇمانلىق باج ئىستىراتېگىيەسى دېلوسىغا ئارىلاشقانلىقىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ مىليونلىغان دوللارلىق باج ئوغرىلىشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى تەكشرۈشلىرى دائىرىسىدە، ترامنىڭ دادىسى فرېد ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە، بانكا ھېسابلىرى، مالىيە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ۋە تالونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ترامپ ئائىلىسىگە تەۋە 100 مىڭ بەتتىن ئارتۇق ھۆججەتلەرنگە قاراپ چىققان ئىدى.

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى دونالد ترامپنىڭ «ئۆز مىراسىمنى ئۆزەم تېپىپ شەكىللەندۈردۈم» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئەكسىچە دادىسى سەۋەبىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتايىن چوڭ بىر مىراسقا ئىگە بولۇپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرمىدى. ترامپنىڭ ئادۋۇكاتى چارلېس ج ھاردېر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، باج ئوغرىلاش دېگەندەك ئەيبىلەشلەرنى رەت قىلىپ، «دونالد ترامپ، ئائىلىسىنىڭ باج ئىستىراتېگىيەسىگە قەتئىي ئارىلىشىپ باقمىدى» دېدى.

دونالد ترامپنىڭ قېرىندىشى روبېرت ترامپمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاتا ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بارلىق باجلارنىڭ تۆلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر