ئىراقنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋەزىپە ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى
ئىراقنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ سابىق پىرېزىدېنت فۇئاد مەسۇمدىن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىپ خىزمىتىنى باشلاپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەرھەم سالىھ پايتەخت باغدادتىكى ئەسسەلام پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سابىق پىرېزىدېنت فۇئاد مەسۇمدىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
بەرھەم سالىھ تۈنۈگۈن پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تالاشتا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانىدى.
ئۇ 1960 - يىلى ئىراقنىڭ سۇلايمانىييە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، يۇرتىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئەنگلىيەگە بېرىپ كاردىف ئۇنىۋېرسىتېتىتىنىڭ بىناكارلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1983 – يىلى فاكۇلتىتنى پۈتكۈزگەن. ئارقىدىن لىۋېرپول ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئومۇمىي ئىنژېنېرلىق كەسپىي بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بەرھەم سالىھ، بىر مەزگىل ياۋروپادىكى خۇسۇسىي شىركەتلەردە مەسلىھەتچى ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەت قىلغان.
ئۇ، 2006 – يىلى سۇلايمانىييە ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىدارە ھەيئىتى باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى.