ئىتالىيەدە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىتالىيەدە كۈنسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1060038
ئىتالىيەدە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە «نۆلگە چۈشكەن سەۋىرچانلىق» دەپ نام بېرىلگەن بۇ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇغۇچىلار، ئىيۇن ئېيىدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن رادىكال ئوڭچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئېرقىي ئايرىمچىلىققا ۋە نەپرەت مۇھىتى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئېلان قىلىنغان چاقىرىققا بىنائەن 1000 دىن ئارتۇق كىشى قىزىل كېيىم كەيدى. نامايىشقا كۆچمەنلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئىتالىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرگە دەرۋازىلارنى تاقاش سىياسىتىگە قارشى «تاملارنى رەت قىلىمىز»، «ئۇرۇشنى توسۇپ قىلىڭ، كۆچمەنلەرنى ئەمەس» دېگەن لوزىنىكلار ئېچىلدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 6 ئايدا 60 قېتىمدىن ئارتۇق ئىرقىي ئايرىمچلىق ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ئاساسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارشى «دۇنيادا پەقەتلا بىر ئىرق باز، ئۇ بولىسمۇ ئىنسان» دېگەن لوزىنكىلار ئېچىلدى.

نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار قىلغان خىتابلىرىدا، «مۆتىدىل بولالماسلىقنى رەت قىلايلى» دېگەن چاقىرىقتا بولدى. «تام قوپۇرىدىغان ئەمەس، كۆۋرۈك سالىدىغان ۋاقىت بۇ. مانا مەيدانلارغا چىقتۇق، چۈنكى بۇ مۇھىت تۇيۇخسىزلا پەيدا بولۇپ قالمىدى. بولۇپمۇ ئىتالىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەر قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان ياۋروپادا ئىرقىۋازلىق، جىنسىي ئايرىمچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش مۇھىتى ھازىرلىماقتا ئىدى. مانا ھازىر مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋە ھەددىدىن تاشقىرى ھەم سۆز بىلەن، ھەم جىسمانىي ھۇجۇملارنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز» دېدى.

نامايىشتا نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ بەزى قۇربانلىرىمۇ ئايرىم ئايرىم نۇتۇق سۆزلىدى. «بۇ ھۆكۈمەت غەلىبە قىلىدىغالىقىنى ئويلاۋاتىدۇ، بىراق ھەرگىزمۇ تارىخ يازالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر