خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان كاتىر بىلەن ھۇجۇم قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان جازان پورتىغا يەمەندە ھاكىمىيەتنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان خۇسىيلار تەرىپىدىن يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان كاتىر بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.

1059869
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان كاتىر بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئىتىىپاقداش قىسىملارنىڭ باياناتچىسى تۈركى مالىكى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خۇسىيلارنىڭ جازان پورتىغا بومبا قاچىلانغان ۋە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان كاتىرلار ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىق دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇمدا بومبا قاچىلانغان ۋە يېراقتىن بتاشقۇرۇلىدىغان كاتىرلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۇركى مالىكى ھۇجۇمنىڭ ئانچە ئېغىر بولمىغان ماددى زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2015يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان يەمەندىكى خۇسىيلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىگە جاۋابەن خۇسىيلارمۇ سوئۇدى ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر خىل ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر