ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەسرە كونسۇلخانىسى تاقالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1059012
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەسرە كونسۇلخانىسى تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت تەرىپىدىن، پومپېيونىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەسرە كونسۇلخانىسىنى تاقاش قارارى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، پومپېيو بۇ ھەقتىكى قارارىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغداد باش ئەلچىخانىسى بەسرە رايونىدىكىلەرگە تولۇق مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ھېسېر ناۋېرت يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئىراق خەلقىگە داۋاملىق ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىنىستىر پومپېيومۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقتىكى خىزمەتچى – خادىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئىراننى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر