ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە يۈزلەرچە كىشى قازا قىلدى

ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن 7.7 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ۋە ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 384 كە يەتتى.

1059036
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە يۈزلەرچە كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو پورۋو نۇگروھونىڭ ئېيتىشىچە، ئارالنىڭ ئوتتۇرا سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار پەقەت ئۆلكىنىڭ پايتەختى پاۋلونىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، دوڭگالا رايونى توغرۇلۇق تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن. رايوندا توك ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى توختاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، رايون بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، 1400 كىشىلىك ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خادىمى رايوندا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رايوننىڭ 27 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدا 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن 7.7 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دوڭگالا ۋە پاۋلو شەھەرلىرىدە 3 مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بەرگەنىدى.

لومبوك ئارىلىدا ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى 6.3، 6.9 ۋە 7 بال چوڭلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن، 450 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە 563 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

«تىنچ ئوكيادىكى ئاتەش چەمبىرى» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ۋە ۋولقان بەلبېغىغا جايلاشقان ھىندونېزىيەدە، 2004 – يىلى 26 – دېكابىر كۈنى 9.1 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ۋە ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى ئاپەتلىرىدە، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ساھەدە 230 مىڭ كىشى ئۆلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر