ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىمالىي كورېيەگە بارىدىغان بولدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ كېلەر ئايدا شىمالىي كورېيەگە بارىدىغانلىقى ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1057663
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىمالىي كورېيەگە بارىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېدېر نائۇرت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مىنىستىر پومپېيونىڭ شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭخو بىلەن نىيۇ يوركتا كۆرۈشكەنلىكى ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ پومپېيونى پىيوڭياڭغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا «مىنىستىر مايك پومپېيو شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ كېلەر ئاي پىيوڭياڭدا ئۇچرىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭدا، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئىيۇن ئېيىدا سىنگاپوردا تۈزۈلگەن ئەھدىنامىلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشى، شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن يادرولۇق قوراللارنىڭ يوقۇتىلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى شۇنداقلا دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 2قېتىملىق ئۇچرىشىش تەييارلىقلىرى كۆزدە تۇتۇلدى» دېيىلدى.

دونالد ترامپ ئالدىنقى ھەپتە كىم چوڭئۇننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 2قېتىملىق ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئۇچرىشىشنىڭ ۋاقتى ۋە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر