ئاررېزا: ئومۇمىي كېڭەشتىكى پەۋقۇلئاددە نۇتۇقىدىن كېيىن ئەردوغانغا سالام بەردۇق
ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېزا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىدىكى پەۋقۇلئاددە نۇتۇقىدىن كېيىن ئەردوغانغا سالام بەردۇق» دېدى.
1056783
![ئاررېزا: ئومۇمىي كېڭەشتىكى پەۋقۇلئاددە نۇتۇقىدىن كېيىن ئەردوغانغا سالام بەردۇق](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b4e3/9b6a/7604/5bab24fd98689.jpg?time=1718411935)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېزا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلغاندىن كېيىن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئەردوغاننىڭ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇروغا سالام ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئەردوغان بىلەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۆرۈشۈپ سالام بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئەردوغانغا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى پەۋقۇلئاددە نۇتۇقىدىن كېيىن سالام بەردۇق. (ئۇ) مۇناسىۋەتلىرىمىزدىكى ئىلگىرىلەشلەردىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە پىرېزىدېنت مادۇروغا سالام ئېيتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.