ئامېرىكا مادۇرونىڭ رەپىقىسىگە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1056804
ئامېرىكا مادۇرونىڭ رەپىقىسىگە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە مىنىستىرلىقى ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ رەپىقىسى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

مىنىستىرلىق «ۋېنېزۇئېلانىڭ بايلىقىنى مونوپۇل قىلىۋېلىش ۋە مادۇرونىڭ ھاكىمىيىتىگە يانتاياق بولۇش»بىلەن ئەيىبلىگەن شەخسلەر قاتارىدا پىرېزىدېنتنىڭ ئادۋۇكات رەپىقىسى فىلورېس دې مادۇرودىن سىرت، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت دېلسىي ئېلونىيا رودرىگۇز گومېز، مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىلادىمىر پادرىنو لوپېز ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى جورج جېسۇس رودرىگۇز گومېزلار بار.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئېمبارگو تىزىملىكىدە يەنە، پانازاتې ۋە كۇىيانا سودا چەكلىك شىركەتلىرى بىلەن سوتسىيالىست سىياسەتچى دىيوسدادو كابېللوغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 20 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بىر ئايروپىلانمۇ بار.

مادۇرو ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت مادۇرو رەپىقىسىنىڭ بىردىنبىر جىنايىتىنىڭ «ئۆزىنىڭ ئايالى بولۇش»ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارىنىڭ بولسا «پەسكەشلەرچە»بولغانلىقىنى، شۇڭا ئېمارگو قارارىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر