سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراننىڭ ئاھۋاز شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم دائىرىسىدە ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

1056947
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنىڭ روشەن ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىمۇ پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقى ۋە مۇداخىلە قىلغان تەرەپنىڭ ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تېھران دائىرىلىرىنىڭ يېقىن ئۆتمۈشتە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئىران ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەن خەۋەردە، «ئىران ھاكىمىيىتىگە يېڭى بىر مېتود تېپىپ چىقىپ، خەلقنىڭ باياشاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان بىر دۆلەتتەك ھەرىكەت قىلىشىنى، ياخشى قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىشىنى، خەلقئارا قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ھۆرمەت قىلىشىنى شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاھۋاز شەھىرىدە شەنبە كۈنى ئىران – ئىراق ئۇرۇشىنىڭ 38 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات مۇراسىمى ئەسناسىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 17 سى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 25 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 69 ئادەم يارىلانغانىدى.

ئىران ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى مايور گېنېرال ئەبۇلفازل شىكارچى ھۇجۇمدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئاھۋازدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر