رۇھانى: سۆھبەت ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى سۆھبەتنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى.

1057180
رۇھانى: سۆھبەت ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىغا خىتاب قىلغان رۇھانى، 2015 – يىلى ھاسىل قىلىنغان ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ماي ئېيىدا چېكىنگەن يادرو كېلىشىمىنىڭ، ئۇدا 10 يىل داۋاملاشقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ھەم قويۇق مۇزاكىرىلەرنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار  ۋە خەلقئارالىق قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئۆز مەيلىچە مۇئامىلە قىلىشى ۋە پىسەنت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن، دۇنيانىڭ تۈرلۈك كىرىزىسلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى دۆلەتلەر ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلغان ۋە ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. دۇنيادا رادىكال مىللەتچىلىكنى ۋە چەت ئەل دۈشمەنلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش ھەم خەلقئارالىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەنەپەئەتلىرىنى قوغداپ قالالايدىغانلىقىنى ئويلاۋاتقان رەھبەرلەر بار. جۈملىدىن، خەلقئارالىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا، كۆپلىگەن تەرەپلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بىر كېلىشىمنى بۇزغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراندىن ئىكىككى تەرەپلىك مۇزاكىرە تەلىپىدە بولماقتا. قانداق دۆلەت بىلەن قايسى ئۆلچەملەرگە ئاساسەن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز؟ ھەر تۈرلۈك دىيالوگ ۋە مۇزاكىرە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا دائىرىلىرىگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، سىلەر ئۆرۈۋەتكەن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىڭلار، ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كېچىڭلار. چۈنكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىنمۇ ياخشىراق ئەپچىل چارە يوقتۇر. شۇڭا، سۆھبەتنى كىم ئۈزگەن ۋە بۇزغان بولسا، شۇ كىشى باشلىتىشى لازىم، بۇنىڭ بىردىنبىر يولى بولسا، خەلقئارالىق ئەخلاق ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئىنساپسىزلارچە ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشتۇر.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «ھۆكۈمەتنىڭ نېمىلىكىدىن خەۋەرسىز بىر ھۆكۈمەت، ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىلىرى ھەم كېلىشىمىنى بۇزغان بىر ھاكىمىيەت» دەپ ئاتىغان رۇھانى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىنمۇ كېلىشىمنى بۇزۇش ۋە خەلقئارالىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان رۇھانى، خەلقئارالىق بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى سىياسىتىنىڭ بىر ئويۇنچىقى ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا يول قويماسلىقى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىپەرۋالىقى ۋە ئاجىزلىقىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ باشتىن تارتىپلا خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رۇھانى، «كىم ۋەدىسىنى بۇزسا، بۇزۇش»، «كىم ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلسا، قىلىش»، «كىم تەھدىت سالسا، سېلىش» ۋە «كىم ۋەدىسىدە تۇرسا، تۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، ئىراننىڭ سىياسىتىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئىكەنلىكىنى، نە ئۇرۇشنى، نە ئېمبارگونى، نە مۇشتۇمزورلۇقنى، نە تەھدىتنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، پەقەت «ئەھدىگە ۋاپا قىلىش» ۋە «قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش» نىلا تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن <قىلمىشلىرىمنىڭ ھەممىسى توغرا> دەپ ئويلايدۇ. بىراق كۈچىدىن پايدىلىنىپ زورلۇق – زۇمبۇلۇق قىلىش قانۇنلۇق ئەمەستۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرى پەقەت ئىرانغىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىغىمۇ زىيان يەتكۈزمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر