ئىران تەرەپ ترامپ ۋە پومپېئو بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلماقتا

ئىرانلىق ئەمەلدارلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1056418
ئىران تەرەپ ترامپ ۋە پومپېئو بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، دونالد ترامپ ياكى ئۆزىنىڭ ئىرانلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل باش مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەكبەر ۋەلايەتى، مايك پومپېئونىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، ئىرانلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش تەلەپلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ترامپ ۋە پومپېئونىڭ چۈشى قەتئىي ھەرگىزمۇ رېئاللىققا ئايلانمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر