ئامېرىكا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قېرى-ياش ۋە چوڭ-كىچىك دېمەستىن ھۇجۇم نىشانى قىلىپ سىستېملىق ھالدا قىرغىن قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1056311
ئامېرىكا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قېرى-ياش ۋە چوڭ-كىچىك دېمەستىن ھۇجۇم نىشانى قىلىپ سىستېملىق ھالدا قىرغىن قىلىپ  كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىرمادىكى زۇلۇملاردىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇساپىر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە ئاساسەن تەييارلاپ چىقىلغان دوكلاتتا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

20 بەتلىك دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئاركانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى شاھىت بولغان جىنايەت ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ %84نىڭ جاۋابكارىنىڭ بىرما ئارمىيەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار باسقۇنچىلىق، قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ بېشى ياكى بەدەن ئەزاسىنى كېسىش، بوۋاق ۋە بالىلارنى ئۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش، ئەسكەرلەرنىڭ تۇغۇت ئەسناسىدىكى ئاياللارغا ھۇجۇم قىلىشى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا شاھىت بولۇشقان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئاراكان ۋىلايىتىدىكى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى نامايەن قىلىپ بەردى.» دوكلاتتا يەنە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 38مىڭدىن ئارتۇق بىناغا ئوت كېتىپ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاراكاننى تاشلاپ باڭلادېشقا قاچقانلارنىڭ سانى 700 مىڭغا يەتكەن. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن يۈزلەرچە يېزىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى دەلىللەپ چىقتى.

ب د ت ۋە خەلقئارا  ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا سېلىنغان زۇلۇمنى «ئېتنىك تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچلىق»دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

خەلقئارا ياردەم ئورگانلىرىنىڭ ئاراكان ۋىلايىتىگە كىرىشىگە توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان بىرما ھۆكۈمىتى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ھازىرغىچە ئىشقا ئاشۇرمىدى.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار بىرمادا بىخەتەرلىك بەرپا  قىلىنماي تۇرۇپ ئاراكانغا قايتقان تەقدىردە، ئېغىر زۇلۇمغا دۇچار بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر