ترامپ ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1056550
ترامپ ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تەلەپلەرگە قارىماستىن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن ئۇچرىشىش پىلانىم يوق. بەلكى كەلگۈسىدە ئۇچرىشىشىم مۇمكىن. ئىشىنىمەنكى، ئۇ چوقۇم سۆيۈملۈك بىر ئادەم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپنىڭ ب د ت دا ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مايك پومپېئو ئامېرىكا تېلېۋزىيە قانىلى «NBC» نىڭ بىر پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، «پىرېزىدېنت ترامپ ھەر قانداق چاغدا بىرەرسى بىلەن كۆرۈشۈشتىن خوشاللىق ھېس قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ئوچۇق ئادەم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن، ئەمما ئۇچرىشىش تەلىپىنىڭ رۇھانى تەرىپىدىن كېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر