دۇنيا ئاھۋازدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنيا ئەللىرى ئىراننىڭ ئاھۋاز شەھىرىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1054891
دۇنيا ئاھۋازدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە، ئىراننىڭ ئاھۋاز شەھىرىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى؛ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «فىرانسىيە، ئاھۋازدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى. باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ، ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە ئىرانغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ۋەقەنى يېقىندىن تەقىپ قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىسىر، ئومان ۋە ھاماسمۇ ئىراننىڭ ھۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاھۋاز شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

ئومان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئونانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئومان، ئىران – ئىراق ئۇرۇشىنىڭ 38 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مۇراسىم ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەنگەن.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئاھۋازدىكى ھەربىي پارات ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلدى؛ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلىدى.

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - ھاماس رەھبەرلىرىدىن ئىززەت ئەررىشىقمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، ئىران خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.

ئىران – ئىراق ئۇرۇشىنىڭ 38 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈن ئەتىگەن ھۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ ئاھۋاز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات ئەسناسىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 25 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 60 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىرانلىق ئەمەلدارلار، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئەلئاھۋاز تەشكىلاتى، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، جاۋابكارلىقنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر