ئامېرىكا خىتايغا ئېمبارگو قويدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن ھەربىي ساھەدە ھەمكارلىق ئورناتقان بىر خىتاي ئورگىنى ۋە بۇ ئورگاننىڭ باشلىقىغا ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

1053717
ئامېرىكا خىتايغا ئېمبارگو قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى رۇسىيە ۋە بۇ دۆلەت بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان خىتايغا ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەدە مۇداپىئە ۋە ئىستىخبارات ساھەلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 33 شەخس ۋە 3 ئورگانغا ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

مىنىستىرلىق يېڭى ئېمبارگولارنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «ئېمبارگولار ۋاستىسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش»قانۇنى دائىرىسىدە ئىمزالىغان پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ھېتېر ناۋۇرت بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە فېدراتسىيەسىنىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ساھەلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 30 شەخس ۋە 3 ئورگاننى « ئېمبارگولار ۋاستىسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش »قانۇنىڭ 231-ماددىسىدىكى  «ئالاھىدە بېكىتىلگەن كىشىلەر»تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شەخس ياكى ئورگانلار بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىق ئورناتقان شەخس ياكى ئورگانلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېمبارگو قويىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە رۇسىيە فېدراتسىيەسى بىلەن ھەربىي ساھەدە ھەمكارلىق ئورناتقان خىتايغا تەۋە بىر ئورگان ۋە ئورگاننىڭ باشلىقىنىمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا مەجلىسىدە بۇلتۇر ئىيۇلدا ماقۇللانغان « ئېمبارگولار ۋاستىسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش»قانۇنى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا مۇداخىلە قىلىشى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن موسكۋا ھۆكۈمىتىگە ئېمبارگو قويۇشقا قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر