ترامپ ئىككى كورېيەنىڭ كېلىشىمىنى ماختىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ماختىدى.

1053182
ترامپ ئىككى كورېيەنىڭ كېلىشىمىنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ فلورېس قۇيۇن ئاپىتى يۈز بەرگەن شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، كۈنتەرتىپتىكى ئىككى كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېن ئوتتۇرىسىدا 18-سېنتەبىر تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەدىن خۇش خەۋەرلەر كەلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولدى. بىز ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئالدۇق. شىمالىي كورېيەگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرسىتىۋاتىمىز.»

ئۇ مەزكۇر مۇساپىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنىڭ پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلماسلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمدى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە يادرو سىنىقى قىلىنمايدۇ، ئەمدى بۇ ئىككى دۆلەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ» دېدى.

ئۇ ئۈچ كۈن بۇرۇن كىم جوڭئۇندىن مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پىرېزىدېنت بولۇشتىن ئىلگىرى خىيالىغىمۇ كېلىپ باقمىغان ئىلگىرىلەشلەرنىڭ، ئۆزىنىڭ دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان ھالەتتە ئىدۇق، ھازىر مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. مەھبۇسلىرىمىزنى تاپشۇرۇۋالدۇق، قالغانلىرىمۇ داۋاملىق كېلىدۇ، بۇلار مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر.»

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ، ئورتاق خىتابنامىگە ئىمزا قويدى.

خىتابنامىدە، ئامېرىكا تېگىشلىك قەدەملەرنى باسقان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەنىڭ يېرىم ئارالنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە يەنە، خىتابنامىدە، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ خەلقئارالىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە بىللە قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە 2032-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان يازلىق ئولىمپىك يىغىنىغا بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقلىرى قەيت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ پانمۇنجوم چېگرا يېزىسىدىكى ئورتاق خەۋپسىزلىك رايونىنى مېنالاردىن تازىلاش، چېگرا قاراۋۇللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر