ئىران، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىدلىبقا ئالاقىدار كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئاكتىپ دىپلوماتىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1051653
ئىران، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىدلىبقا ئالاقىدار كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىدلىبتا قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىم ھەققىدە تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، 7 – سېنتەبىردە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا چاقىرىلغان تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋە تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ، شۇنداقلا ئاكتىپ دىپلوماتىيەنىڭ ئىدلىبتىكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ۋە دىپلوماتىيەنىڭ كۈچىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىدلىبقا ئالاقىدار قارارىغا ئىجابىي باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، سوچىدا چىقىرىلغان قارارنىڭ سۈرىيەدىكى قالدۇق تېررورچىلارنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلىشى يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي مۇساپىگە ھەسسە قوشۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

قان ۋە ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىلىشى ۋە ئىدلىبنىڭ تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئىران تاشقى سىياسىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قاسىمى، سوچىدىكى يىغىننىڭ ئىنسانىي ئامىللارنىمۇ نەزەرگە ئالغان ھالدا سۈرىيەدىكى تىنچلىقنىڭ ئۈزۈل – كېسىل ھالەتكە ئايلىنىشىغا ياردەمچى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر