رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 14 ھەربىي ئولتۇرغان « Il-20» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلاننىڭ ئاقدېڭىز ئۈستىدە راداردىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1051448
رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 14 ھەربىي ئولتۇرغان « Il-20» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇمەيمىم ھەربىي بازىسىغا قايتىشى جەريانىدا ئاقدېڭىز ئۈستىدە راداردىن چىقىپ كەتكەن.

ئايروپىلاننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئائىت « F-16 » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيەنىڭ لازقىيە شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى جەريانىدا يوقاپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئاقدېڭىزدىكى فىرانسىيەگە ئائىت بىر قوغدىغۇچى پاراخوتتىن رايونغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يوقاپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلاندىكى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر