ئافىنادا تۇرۇشلۇق ئىران ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا بىر تۈركۈم ئاشقۇن كىشى ئىران ئەلچىخانىسىغا تاش ۋە بوياقلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

1050970
ئافىنادا تۇرۇشلۇق ئىران ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا تۇرۇشلۇق ئىران ئەلچىخانىسىغا بىر تۈركۈم كىشىلەر تاش ۋە بوياقلار ئاتتى.

رۇۋىكوناس ئىسىملىك بىر ئاشقۇن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 06:00دا ئىراننىڭ ئافىنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تاش ۋە بوياقلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدىن ئىلگىرى ئىران ئەلچىخانىسىنى قوغداۋاتقان بىخەتەرلىك خادىملىرىنى قوغلىۋەتكەن ئاشقۇنلار، قاراۋۇلخانىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىۋەتتى.

رەسمىي فورما كىيمىگەن ساقچىلار  ھۇجۇمنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئورنىغا قاراپ تۇردى.

رۇۋىكوناس ئاشقۇنلار گۇرۇھى ئافىنادىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتىنىڭ ئىشخانىسىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر