ۋېنگىرىيەلىك مىنىستىر فىرانسىيەلىك مىنىستىرنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى پېتېر سزىججارتو، ۋېنگىرىيە ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمەتلىرىنى ئەيىبلىگەن فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ناتالىې لوئىسېۇغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1050977
ۋېنگىرىيەلىك مىنىستىر فىرانسىيەلىك مىنىستىرنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېتېر سزىججارتو ۋېنگىرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ناتالىې لوئىسېۇنىڭ تۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان «فىرانسىيە، ۋېنگىرىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ئەكسىچە ياۋروپاغا ئالاقىدار بەس – مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ باردى. ئاۋامچىلار خەلقكە سۆزلەش پۇرسىتى بېرىشتىن قورقسا كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنى ئەيىبلىدى.

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ياۋروپادا پەقەت ۋېنگىرىيەدىلا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پېتېر سزىججارتو، غەربىي ياۋروپالىق سىياسەتچىلەرنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پارىژ، بىريۇسسېل ۋە سترازبۇرگدىكى سىياسەتچىلەر قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن ۋېنگىرىيەنىڭ چېگرا مۇداپىئە ھوقۇقىنى قولىدىن ئېلىشقا تىرىشماقتا، بىراق، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپالىقلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك قانۇنسىز كۆچمەنلىكنى رەت قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر