ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى دەمەشىق ئايرودۇرۇمىغا باشقۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1050297
ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى خەۋەر ئاگېنتلىقى – سانا، ھەربىي ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلغان ھالدا تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، پايتەخت شەرقىي قىسمىدىكى دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە، «ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىمىز ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىق ئايرودۇرۇمىغا قىلغان ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلدى ۋە بەزى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى يوقىتىپ تاشلىدى» دېگەنلەر ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى، 4 – سېنتەبىردە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ھاما ۋە غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تارتۇس ۋىلايەتلىرىدىكى بەزى ھەربىي رايونلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس، كۇنەيترا، دېرئا ۋە دەمەشىق ۋىلايەتلىرىدىكى ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ ھامىسى ئىرانغا تەۋە ھەربىي رايونلارغا قارشى ھەرخىل ھۇجۇملارنى قوزغاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر