فىلىپپىندا ماڭخۇت دېڭىز بورىنى كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

فىلىپپىنىڭ شىمالىي دېڭىز ساھىلىدا تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپ كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان ماڭخۇت دېڭىز بورىنىدا كەم دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلدى.

1050299
فىلىپپىندا ماڭخۇت دېڭىز بورىنى كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەسلىھەتچىسى فرانسىس تولېنتىنو، ئالدىنقى كۈنى تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان دېڭىز بورىنىدا 12 ئادەم قازا قىلغاندىن سىرت، ئىككى ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، 87 مىڭ ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلىپپىن مەملىكەتلىك تەبىئىي ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش ۋە قوماندانلىق قىلىش ئورگىنى، بوراندا 4 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، كوردىللېرادا 40 ئارتۇق جايدا تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ توسۇلۇپ قالغان يوللارنى ئېچىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بوران يۈزىسىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان رايوندا مەكتەپلەرنىڭ دەرس توختاتقانلىقى، كۆپلىگەن ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر