ئامېرىكا بىر خىتاي شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايدىكى بىر شىركەت بىلەن ۋە رۇسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان يەنە بىر شىركەتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1049878
ئامېرىكا بىر خىتاي شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مەركىزى خىتايدا تۇرۇشلۇق «Yanbian Silverstar Network Technology» ناملىق شىركەت بىلەن مەركىزى رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق «Volasys Silver Star» ناملىق شىركەتكە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى تۈپەيلىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى.

«Yanbian Silverstar Network Technology» ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ تېگى شىمالىي كورېيەلىك خوجايىنى جوڭ سوڭ خىۋانىڭمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «China Silver Star» دەپمۇ تونۇلغان خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇچۇر - تېخنىكا ساھەسىدە پائالىيەت قىلىدىغانلىقى ۋە مىليونلىغان دوللارلىق كىرىمى بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

«China Silver Star» دەپمۇ تونۇلغان خىتاي شىركىتىنىڭ بىر خادىمى تەرىپىدىن رۇسىيەدە قۇۋرۇلغان «Volasys Silver Star» ناملىق شىركەتكە خىتايدىن يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىمالىي كورېيەلىك خادىملارنىڭ بىر يىلدىنمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە يۈز مىڭىلغان دوللار تاپاۋەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، قەغەز يۈزىدە رۇسىيە پۇقراسى تەرىپىدىن ئىدارە قىلنىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ شىركەتنىڭ ئەسلىدە شىمالىي كورېيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغاندىن سىرت، شىمالىي كورېيە پۇقرالىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئېمبارگو تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان شەخسلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مال مۈلكى توڭلىتىپ قويۇلىدۇ ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى چەكلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر