ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىخۋان ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسى 75 كىشىگە بەرگەن ناھەق ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسى 75 كىشىگە بېرىلگەن ناھەق ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە توختىلىپ، گۇماندارلارنىڭ ئادىل سوت قىلىنىش ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمان بارلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا كومىتېتى باياناتچىسى ماجا كوجايانجىج ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «يەنە كېلىپ، بۇ دېلونىڭ ئەھۋالى، ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ گۇماندارلارنىڭ ئادىل سوت قىلىنش ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمانلارنىڭ بارلىقى راس» دېيىش ئارقىلىق مىسىرنى ئاگاھلاندۇردى.
مىسىردا سوت مەھكىمىسى 8 – سىنتەبىر كۈنى رابىئە مەيدانىنى بوشىتىش ۋەقەلىرى دېلوسىغا چېتىشلىق سوت قىلغان ۋە رابىئەتۇل ئەدۋىيە مايدانىدا 2013 – يىلى يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇمدا، 17 ياشلىق قىزى ئەسما شېھىت قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئەلباتاجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 75 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى قارارى ماقۇللىغان ۋە مەھكىمىنىڭ قارارى ئۈستىدىن يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىش يولىنىڭمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مىسىردا دېموكراتىك يول بىلەن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 2013 – يىلى 3 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋىتلىشىگە قارشى رابىئە مەيدانىدا نامايىشلار باشلانغان ۋە 2013 – يىلى 14 - ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشقان ئىدى.
مىسىر ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ 2013 – يىلى 14 - ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە نامايىش مەيدانىغا قانلىق بىر شەكىلدە مۇداخىلە قىلىشى سەۋەبىدىن رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 8 ساقچىنى قوشقاندا جەمئىي 632 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ۋەقەگە چېتىشلىق دېلودا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى قاتارلىق مىسىردا كۆزگە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن 300 مەھكۇم ۋە 739 نەپەر گۇماندار سوت قىلىنماقتا.