ئامېرىكا پەلەستىنلىك ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىش قارارىنى رەسمىيلەشتۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىش قارارىنى رەسمىيلەشتۈردى.

1047116
ئامېرىكا پەلەستىنلىك ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىش قارارىنى رەسمىيلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنىڭ تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىشىغا 2017 – يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ھەمنەپەس بولۇش مەقسىتىدە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «لېكىن، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى، ئىسرائىلىيە بىلەن مەنىلىك بىر كېلىشىم تۈزۈش يولىدا بىۋاسىتە قەدەملەرنى تاشلىمىدى. ئەكسىچە، بۇ گۇرۇپپا پەقەت كۆرمىگەن ۋە ئالاقە ئورناتمىغان تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىنچلىق پىلانىنى ئەيىبلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى نائۇئېرت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەندىشىلىرىگە ئاساسەن، نۆۋەتتە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىلگىرىلەشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشى، دەپ قارايدۇ. بۇ قارار، تىنچلىق كېلىشىمىگە ئېلىپ بارىدىغان قەدەملەردىن يىراقلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان كىشىلەر تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنماسلىقى لازىم. بىز ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىزدىن يالتايمىز» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىنى بىر ئاي ئىچىدە بوشىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئامېرىكا دائىرىلىرى يېقىندا ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىلارغا ياردەم قىلىش ئورگىنىغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەملىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىۋېتىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر