ئامېرىكىدا شىددەتلىك بوران ئاپىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

«فىلورېنس» ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

1046455
ئامېرىكىدا شىددەتلىك بوران ئاپىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتلانتىك ئوكياندىكى «فىلورېنس» ناملىق ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنىڭ شىددەتلىك بوران ئاپىتىگە ئايلانغانلىقى ۋە كېلەر ھەپتە ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى ئىشتاتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى «فىلورېنس» ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنىڭ ھازىر ئاتلانتىك ئوكياندا 2414 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتا 1 - دەرىجىلىك شىددەتلىك بورانغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بوراننىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ساھىللىرىغا يېتىپ كېلىشىنى تەخمىن قىلىشقانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

«فىلورېنس» ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋىرگىنا، شىمالىي كارولىنا ۋە جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

بوران ئاپىتىنىڭ گېئورگىيا ئىشتاتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىىش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك بوران تەتقىقات مەركىزى، «ئامېرىكىنىڭ شەرقىي رايونلىرى، بولۇپمۇ شىمالىي فىلورىدادىن شىمالىي كارولىناغىچە بولغان جايلار <فىلورېنس> ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنىڭ يۆنىلىشىنى يېقىندىن كۆزۈتىشى لازىم. بۇ رايونلار بوران ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش پىلانلىرىنى تەييار تۇتۇشى ۋە يەرلىك مەسئۇللارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا رىئايە قىلىشى لازىم» دەپ ئاگاھلاندۈرۈش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر