تالىباننىڭ بۈگۈنكى ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساندا ئافغانىستان ئەسكىرى ئۆلدى

تالىبان ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سامانگان ۋىلايىتىدە ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى.

1046844
تالىباننىڭ بۈگۈنكى ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساندا ئافغانىستان ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سامانگان ۋىلايىتىنىڭ دەرەئى سۇف ناھىيەسىدە، ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 14 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ۋە 4 تالىبان ئەزاسى ئۆلدى.

سامانگان ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئازىزى تۇقۇنۇشتا يەنە، 6 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى بىلەن 2 نەپەر تالىبان ئەزاسىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

تالىبان تەرەپ بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر