شىۋېتسىيەدە ئاشقۇن ئوڭچى دېموكراتلار يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى

تۈنۈگۈن (9-سېنتەبىر) شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي ۋە يەرلىك سايلاملاردا، ئاشقۇن ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1046413
شىۋېتسىيەدە ئاشقۇن ئوڭچى دېموكراتلار يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي ۋە يەرلىك سايلاملارنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى %26.2 ئاۋازغا ئېرىشىپ بىرىنچى، ئاشقۇن ئوڭچى دېموكراتلار پارتىيەسى %19.2 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى بولغان.

سايلام ساندۇق بېشىدىكى راي سىناش نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باش مىنىستىر ستېفان لۆفۋېن باشچىلىقىدىكى سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسى سايلامدىن بىرىنچى بولۇپ ئۇتۇپ چىقسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى سول بلوك، ئوڭ بلوكنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن.

شىۋېتسىيەدە 7.5 مىليون سايلىغۇچى قاتناشقان بۇ قېتىمقى سايلامدا، شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 20:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:00 دە ئاخىرلاشتى.

غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئوڭ بلوكتىكى پارتىيەلەر %39.6 ئەتراپىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى سول بلوكتىن ئورۇن ئالغان پارتىيەلەر %39.4 ئاۋازغا ئېرىشكەن. 349 كىشىلىك پارلامېنتتا، ئوڭ بلوكتىكى پارتىيەلەر 141 ئورۇنغا، سول بلوكتىكى پارتىيەلەر 140 ئورۇنغا ئېرىشكەن. ئاشقۇن ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بولسا، پارلامېنتتا 68 ئورۇنغا ئېرىشكەن. مەزكۇر پارتىيە ئۆتكەنكى سايلاملاردا پارلامېنتتا 20 ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سايلام مۇشۇ نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلاشقان ئەھۋالدا كونسېرۋاتىپ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئوڭچى بلوكنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇشى پەرەز قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاشقۇن ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر