خودان رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىناسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

پارتلاشتىن كېيىن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان قوراللىقلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1046537
خودان رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىناسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى موغدىشۇدىكى خودان رايونلۇق ھۆكۈمتى بىناسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايونلۇق ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خودان رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىناسىغا كىرىش ئېغىزىدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل پارتلىغان.

پارتلاشتىن كېيىن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان قوراللىقلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى، بىراق سانى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىدا خادىملار ئىشلەۋاتقان پەيتتە توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملاشقانلىقى قەيت قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر