ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ، ۋېنېسۇئېلا ئارمىيەسى سېپىدىكى بەزى ئۆكتىچى ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1045937
ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بەزى ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارغا ئىشتىراك قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋېنېسۇئېلا ئارمىيەسىنىڭ بىر سابىق قوماندانىنى مەنبە قىلغان ھالدا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، دونالد ترامپ دائىرىلىرىنىڭ ۋېنېسۇئېلادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەۋەردە، ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن ۋېنېسۇئېلالىق سابىق بىر قوماندانمۇ ئىشىتىراك قىلغان ئۇچرىشىشلاردا، ھەربىي ئۆزگىرىش پىلانىغا ئالاقىدار كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى؛ ئۇچرىشىشلار مەلۇم نۇقتىغا كەلگەندە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ <ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب بولۇش> ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مەخپىي سۆھبەتلەرگە خاتىمە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئاقساراي بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى جاۋابسىز قالدۇرماقتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، يېقىنقى مەزگىللەردە ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو دائىرىلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان بىر قاتار قارارلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ترامپ دائىرىلىرى، مادۇرو 20 – مايدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سايلاملارغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار ئېمبارگو قارارلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر