ياپونىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى خوككايدۇ ئارىلىدا 6 – سېنتەبىر كۈنى مەيدانغا كەلگەن 6.7 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 30 غا يەتتى.

1045729
ياپونىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوككايدو يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئورمانلىقتا كۆپ ساندا يەر كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 30 غا يەتكەن،  ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن 9 كىشى ھازىرغىچە تېپىلمىغان بولۇپ، تۇپراق ئاستىدا قالغان دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 3 كىشىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى يەر كۆچۈش ئاپەتلىرى ئورمانلىقتىن تەشكىل تاپقان ئېگىزلىكلەرگە زىيان يەتكۈزگەن ئولتۇراق رايونلىرىغا جايلاشقان ئاتسۇما يېزىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان بولۇپ، 5.4 مىليون نوپۇسلۇق ئارالدىكى ئاھالىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى توك بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى باشلانغان، تاقالغان خەلقئارالىق ئايرودۇرۇم قايتىدىن ئېچىلغان.

موتور ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ يەردىكى زاۋاتلاردا ئىشقا ئاشۇرىدىغان دۇنياغا داڭلىق «تويوتا» ئاپتوموبىل گۇرۇھى، يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن، موتور ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر