ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتتىس ئافغانىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1045606
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان زىيارەت پىروگراممىسىدا بولماسلىقىدا قارىماي ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولغان ماتتىس، پايتەخت كابۇلدا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماتتىسنىڭ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى غېنى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، تالىبان بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەت مۇساپىسى توغرۇلۇق تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ باياناتچىسى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ماتتىس بىلەن غېنىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تىنچلىق مۇساپىسى، ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى قايتىدىن تەڭشەش، يېقىنلىشىۋاتقان  پىرېزىدېنت سايلىمى، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ۋە پاكىستان بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئافغانىستان زىيارىتىدە ماتتىسقا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوزېف دۇنفورمۇ ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا تەخمىنەن 14 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئافغانىستانغا قارىتا «يېڭى ئىستىراتېگىيە» نى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئارقىدىنلا بۇ دۆلەتكە 3 مىڭ زاپاس ئەسكەر ئەۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر