ئۈچ تەرەپ يىغىنىنىڭ خىتابنامەسى ئېلان قىلىندى

بۈگۈن (7-سېنتەبىر) تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيەدىكى كىرىزىسنىڭ دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى ۋە 12 ماددىلىق يىغىن خىتابنامەسىنى ئېلان قىلدى.

1045504
ئۈچ تەرەپ يىغىنىنىڭ خىتابنامەسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پايتەختى تېھراندا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا، ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

ئۈچ تەرەپ يىغىنىنىڭ 12 ماددىلىق خىتابنامەسى تۆۋەندىكىچە:

1- ئاستانا مۇساپىسى 2017-يىلى يانۋاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر، بولۇپمۇ سۈرىيە مىقياسىدىكى زوراۋانلىقلارنىڭ ئازايتىلىشىدىكى ئىلگىرىلەشلەر ۋە سۈرىيەدە تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىققا قوشقان تۆھپىلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن تىلغا ئالدى.

2- سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكى بىلەن ب د ت شەرتلىرىنىڭ مەقسىتى ھەمدە پىرىنسىپلىرى ھەققىدە كۈچلۈك ھەمدە بېرىۋاتقان ۋەدىلىرىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇلارغا ھەممە تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. كىم تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچقانداق ھەرىكەتنىڭ بۇ پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكرارلىدى. تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى رەت قىلدى، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئايرىمىچىلىق كۈنتەرتىپلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قەتئىي ئىرادىلىرىنى نامايان قىلدى.

3- رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، 2018-يىل 4-ئاپرېل ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن، سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئوتتۇرىدا ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكى بويىچە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. بۇ رامكىدا، ئىدلىب توقۇنۇشنى ئازايتىش رايونىدىكى ۋەزىيەتنى كۆردى ۋە بۇ مەسىلىنى يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگەن پىرىنسىپلارغا، ئاستانا مۇساپىسىنى تولۇقلىغان ھەمكارلىق روھىغا مۇۋاپىق ھالدا مۇزاكىىرە قىلىشنى قارار قىلدى.

4- ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورىست دەپ ئاتالغان دائېش، نۇسرا ئالدىنقى سېپى بىلەن ئال قائىدە ياكى دائېشقا چېتىشلىق بارلىق باشقا شەخسىيەتلەر، گۇرۇپپىلار، ھەرىكەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلىشى مەقسىتىدە، ئوتتۇرىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنى نامايان قىلدى. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تۈزۈمىگە قاتناشقان ۋەياكى قاتنىشىدىغان قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن ئايرىشنىڭ، پۇقرالارغا زىيان سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

5- سۈرىيە ئىختىلاپىنى ھەربىي يول بىلەن ھەل قىلمايدىغانلىقىغا ۋە ئىختىلاپنىڭ پەقەت مۇزاكىرە قىلىنغان بىر سىياسىي مۇساپە يولى بىلەنلا ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى ئىشەنچلىرىنى تەكرارلىدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئوتتۇرىدىكى ئاكتىپ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنى نامايان قىلدى.

6 سۈرىيەلىكلەرنىڭ باشلامچىلىقى ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بىرەر سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ھەرىكىتىنى ئىلگىرىلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئورتاق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدىكى قەتئىي ئىرادىلىرىنى يېڭىلىدى. ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىشىغا ياردەمچى بولۇشقا قارىتا ۋەدە بەردى. پىشقەدەم مەمۇرلار بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئوتتۇرىسىدىكى پايدىلىق مۇزاكىرىلەردىن ھېس قىلىنغان مەمۇنلۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پۈتۈن سۈرىيەلىكلەرنىڭ نورمال ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا قايتىدىن سازاۋەر بولۇشىغا شۇنداقلا ئازابلىرىنىڭ يېنىكلىتىلىشىگە قارىتىلغان پۈتۈن تىرىشچانلقىلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە بولغان جىددىي ئېھتىياج تەكىتلەندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، قوشۇمچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش، مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇل- ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئارقىلىق سۈرىيەگە قىلىنغان ياردەملەرنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ب د ت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتچىلىككە چاقىرىقتا بولدى.

  ئېھتىياجلىق پۈتۈن سۈرىيەلىكلەرگە تېز ۋە ئۈزلۈكسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ مۇداپىئە قىلىنىشى ۋە ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىنى نىشان قىلغان ئورتاق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىلىرىنى يېڭىلىدى.

9 - پاناھلانغۇچىلار ۋە سۈرىيە مىقياسىدىكى يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ سۈرىيەدىكى ئەسلى يۇرتلىرىغا خاتىرجەم ۋە ئۆزلىرى خالىغان ھالدا قايتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك شەر ت- شارائىتلارنىڭ ھازىرلىنىشىغا دائىر جىددىي ئېھتىياجنى قاتتىق تەكىتلىدى. بۇ مەقسەت ئۈچۈن، ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقى ۋە خەلقئارالىق كەسپىي ئورگانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىچانلىققا بولغان جىددىي ئېھتىياجنى تەكىتلىدى. سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ۋە سۈرىيەدە يۇرت - ماكانلىرىن قوغلاپ چىقىرىلغان كىشىلەر ھەققىدە خەلقئارالىق بىر كونفېرانس ئۆتكۈزۈش تەكلىپىگە قاراپ چىقىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

10 - قولغا ئېلىنغان ۋە تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، مېيىتلىرىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ۋە يوقىلىپ كەتكەن كىشىلەرنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى ئۈچۈن، ب د ت ۋە خەلقئارالىق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالدى.

11 رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كېلەر قېتىملىق يىغىننىڭ رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى قارار قىلدى.

12 رۇسىيە ۋە تۈركىيە پىرېزىدېنتلىرى، تېھراندىكى ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىغا چوڭقۇر رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر