تالىبان تاخاردىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تاخار ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 8 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1044311
تالىبان تاخاردىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاخار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى خەلىل ئەسىر، تېررورچىلارنىڭ خوجائى گار ناھىيەسىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 8 ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تېررورچىلارنىڭ ساقچى ئىدارىسىدىكى قوراللارنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتچى خەلىل ئەسىر، ھۇجۇمنىڭ تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن چېتىشلىقى بار بىر ساقچىنىڭ ياردىمى سايىسىدا قىلىنغانلىقىنى، مەزكۇر ساقچىنىڭمۇ قېچىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر