دائېشنىڭ قولىدا مىڭلارچە تۈركمەن ۋە يەزىدىيلەر بار

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئاقىۋىتى تېخىچە ئېنىق بولمىغان 7654 نەپەر تۈركمەن بىلەن يەزىدىيلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1044448
دائېشنىڭ قولىدا مىڭلارچە تۈركمەن ۋە يەزىدىيلەر بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى ئەلى بەياتى، 2014يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئاقىۋىتى تېخىچە ئېنىق بولمىغان 7654 نەپەر تۈركمەن بىلەن يەزىدىيلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. 

ئەلى بەياتى 2014يىلى 10ئىيۇندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ 2 شەھىرى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنى ئىشغال قىلىپ، ئارقىدىن ئىراقنىڭ ئۈچتە بىر قىسمىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى، بۇ جەرياندا مىڭلىغان يەزىدىي ۋە تۈركمەنلەرنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلى بەياتى دائېش تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەزىدىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى سىنجار ناھىيەسىدە 2014يىلى 3ئاۋغۇستتىن بېرى 6404 يەزىدىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

دائېش تۇتۇپ كەتكەن يەزىيدىلاردىن 3538 كىشىنىڭ ئايال، 2866 كىشىنىڭ ئەر ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلۇمات بەرگەن ئەلى بەياتى، ئىراق پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئېنىقلاپ چېقىشىغا ئاساسلانغاندا، ئۆلتۈرۈلگەن يەزىدىيلار سانىنىڭ 1299 كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىراقتا ئەرەب ۋە كوردلاردىن قالسىلا 3كۆپ سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان تۈركمەنلەرنىڭمۇ دائېشنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ھازىزمۇ دائېشنىڭ قولىدا گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 1250 تۈركمەن بار. بۇلارنىڭ 600 ى ئايال، 120 سى كىچىك بالا» دېدى. 

ئەلى بەياتى: «شاھىدلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركمەن ئاياللار يېزا ۋە ناھىيەلەردىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار تېررورچىلارنىڭ باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي سۇيىئېستېمال ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولدى» دېدى.    

ئىراق پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى ئەلى بەياتى يەنە، دائېش تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋېتىنى ئېنىقلاش ۋە ئائىلىلىرىگە قايتىشىنى ئىشقا ئۇشۇرۇش ئۈچۈن ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر