ئىراقتىكى نامايىشلاردا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدىكى نامايىشلاردا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1043857
ئىراقتىكى نامايىشلاردا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
mukteda es-sadr.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقەلەردىن كېيىن شەھەردە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

بەسرەدىكى يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەردە دۆلەت مۇلازىمىتىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن باشلانغان نامايىشلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قاتتىق مۇداخىلە قىلغان، مۇداخىلە نەتىجىسىدە 7 كىشى ئۆلگەن، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، نامايىشچىلار بەسرە ۋالىي مەھكىمىسىگە بېسىپ كىرىپ، بىناغا ئوت قويۇۋەتكەن. ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى بەزى ئۇچۇرلاردا، مەزكۇر بىنانىڭ ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغانلىقى كۆرۈلگەن. بەسرە ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن شەھەردە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.

ئىراقتا شىئە رەھبەر مۇقتەدا ئەسسەدر ۋەقەلەردىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «سەۋر – تاقىتىمىزنى سىنىماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەزلۇم بەسرەنىڭ تىراگېدىيەسى بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئەسىلىدە مېنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىچىدىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ نامايىشچىغا قانۇنسىز ھالدا مۇداخىلە قىلىشى بولدى.»

ئىگىلىنىشىچە، ئىراق نېفىتىنىڭ تەخمىنەن % 80 تى چىقىرىلىدىغان بەسرە ۋىلايىتىدە خەلق تەخمىنەن ئىككى ئايدىن بۇيان ئىشسىزلىق، توك كىرىزىسى ۋە دۆلەت مۇلازىمەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئاقساقلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى نامايىش ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەسرەدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ياشنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بەزى كۈچلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا پىتنە - پاسات تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر