نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ پىلاتىيۇ ۋىلايىتىدە قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ 11 ئادەم ئۆلدى.

1042541
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ پىلاتىيۇ ۋىلايىتىدە قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ 11 ئادەم ئۆلدى، 12 ئادەم ئېغىر يارىلاندى.

ھۇجۇمدا يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى، پىلاتىيۇ ساقچىلىرى يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تولىم ئېغىر ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىلگىرى پىلاتىيۇنىڭ باشقا بىر يېرىدە قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ 8 ئادەم ئۆلۈپ، 95 ئۆيگە ئوت قويۇۋېتىلگەندىن سىرت يەرلىكلەرگە تەۋە 310 تۇياق كالا ئوغۇرلاپ كېتىلگەنىدى.


خەتكۈچ: #نىگېرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر