فىلىپپىن ئۇرۇش پارخوتىنى تالاش-تارتىشلىق ئارالدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقتى

فىلىپپىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا قۇرۇقلۇققا پېتىپ قالغان ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەلىك ھالدا ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1042762
فىلىپپىن ئۇرۇش پارخوتىنى تالاش-تارتىشلىق ئارالدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن ئۆتكەن ھەپتە چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا قۇرۇقلۇققا پېتىپ قالغان ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تالاش-تارتىشلىق رايوندىن مۇۋەپپەقىيەلىك ھالدا ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلىپپىن خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئىككى مەسئۇلى « AP »نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە « گىئورگىي دېل پىلار»ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ روموركولار بىلەن تارتىپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسى باياناتچىسى نىئول دېتوياتو، ئۇرۇش پاراخوتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللارغا يېقىن جايدىكى قۇرۇقلۇققا پېتىپ قالغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، بۇ ھادىسىنىڭ قەستەن سادىر بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ يەنە خىتاي دائىرلىرىگە مانىلادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدىكى ھەربىي ئىشلار ئىشخانىسى ۋاستىسى ئارقىلىق بۇ ۋەقە توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 100دىن ئارتۇق خادىم بولغان  بۇ ئۇرۇش پاراخوتى ئامېرىكىدىن سېتىۋېلىنغان ئۈچ ئۇرۇش پاراخوتىدىن بىرى ئىكەن.

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى تالاش-تارتىشلىق ساپارتىلى تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا فىلىپپىن ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارغا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان ئەڭ ئاز 46 سىمسىز ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىدىن بىئارام بولغانلىقىنى خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا ئىككى قېتىم يەتكۈزۈپ قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر