بىرما مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىش مۇساپىسىنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرمەكتە

باڭلادىش پىرېزىدېنتى شەيخ ھاسىنا بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىش مۇساپىسىغا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1042022
بىرما مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىش مۇساپىسىنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆپ خىل سانائەت تېخنىكىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەقسىتىدە ئېچىلغان «بېنگال قولتۇقى دۆلەتلىرى  يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن نېپالغا يېتىپ كەلگەن شەيخ ھاسىنا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ: «بىرما پۇقرالىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنىمە قىلمايۋاتىدۇ. بىرما ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىش مۇساپىسىنى ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن كېچىكتۈرمەكتە» دېدى.

ئۇ «بېنگال قولتۇقى دۆلەتلىرى  يىغىنى» دائىرەسىدە، بىرما پىرېزىدېنتى ۋىن مينت بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەمما كۆرۈشۈشتە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باڭلادىش بىلەن بىرما 2017-يىل دېكابىر ئېيىدا ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى تەكلىپ قىلىنغان كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئىدى.

ب د ت تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىرما مۇستەقىل تەتقىقات كومىتېتى بىرما ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى مىن ئاڭخلايىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

1970-يىللاردىن بۇيان بىرمادا ئېغىر زۇلۇم ۋە سىستېمىلىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ رايوندىكى دۆلەتلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بىرما ھۆكۈمىتى 1982-يىلى قوبۇل قىلغان ئاساسىي قانۇن بىلەن پۇقرالىق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى «دۆلەتسىز» ھېسابلىنىدۇ.  ب د ت تەرىپىدىن «زۇلۇم چېكىۋاتقان دىنىي ئاز سانلىقلار» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ھەم خىلمۇ خىل زوراۋانلىقلارغا ھەمدە قانۇنىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئايرىمىچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا.

2012-يىلىمۇ ئاراكاندا بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋە كۆپىنچىسى مۇسۇلمان مىڭلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، يۈزلەرچە ئۆي، دۇكانلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.

2017-يىلى 25-ئاۋغۇست ئاراكاندىكى چېگرا قوغداش پونكىتلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا قىلىنغان ھۇجۇملارنى سەۋەب كۆرسەتكەن بىرما ئارمىيەسى ۋە بۇددىست مىللەتچىلىرى، كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلاپ، 10 مىڭلارچە ئادەمنى قىرغىن قىلغان ئىدى. «ئېتنىك تازىلاش» قا ئايلانغان شۇ قېتىمقى ھۇجۇملاردا، 350 دىن ئارتۇق يېزا، ئارمىيە ۋە مىللەتچى بۇددىستلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ تاشلانغان ئىدى.  700 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بولسا، تاغلىق رايونلارغا قېچىپ كېتىشكە ياكى دەريا-دېڭىزدىن ئۆتۈپ، قوشنا دۆلەت باڭلادىشتىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر