جەنۇبىي كورېيە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سېئۇلنى زىيارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلمىدى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېئۇۋېن رىۋلىنىڭ بۇ يىل ياكى كېلەر يىلى سېئۇلنى زىيارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1040992
جەنۇبىي كورېيە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سېئۇلنى زىيارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىسرائىلىيەنىڭ «‹ Yedioth Ahronoth › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېئۇۋېن رىۋلىنىڭ سېئۇلنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىققان بولۇپ، گېزىت بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، سېئۇلنىڭ كىم تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقى نامەلۇم بولغان بۇ قارارى ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن تاسادىپىيلىق بولغان بولۇپ، بۇ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېئۇۋېن رىۋلىنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتا تۇتۇلغان بىر پوزىتسىيە ئەمەس ئىكەن. جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېئۇۋېن رىۋلىنىڭ سېئۇلنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىقىش سەبەبىنىڭ، «ئىسرائىلىيەنىڭ گاز مۇنبەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىلگىرى جەنۇبىي كورېيە پاراخوتلىرىنىڭ ئورنىغا گېرمانىيە پاراخوتلىرىنى سېتىۋېلىپ، جەنۇبىي كورېيەنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا ئاپرېل ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشىنى تەبرىكلىمەسلىكى» بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر