دېمىستۇرا ئىدلىب توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاستانا مۇساپىسىنىڭ كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلىرى بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىشنى چاقىرىق قىلدى.

1040573
دېمىستۇرا ئىدلىب توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرا جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ ئىدلىب شەھىرىدە «قارا بوران» ننىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

رايوندا جىددىيلىشىۋاتقان ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئالاھىدە دىققەت تارتقان دېمىستۇرا، بۇ يەردە يېقىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش ئېھتىماللىقىنىڭ، سۈرىيەنىڭ سىرتىغا تۇتۇشۇش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىدلىبتە 2.9 مىليون كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى،  بۇلارنىڭ 1.4 مىليونىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە بىر قېتىم يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، كۆپىنچىسىنى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ئىگىلەيدىغان كىشىلەرنىڭ 2.1 مىليونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ نوپۇسى زىچ بولغان رايونلاردا قوراللارنىڭ تىپىنى ئايرىماستىن قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى ۋە ئىدلىبتە خىمىيەلىك ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئەل نۇسرانىڭ خلور گازىنى قورال قىلىپ ئىشلىتىش قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز، بىراق كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلمايۋاتقىنى بولسا سارىن گازى» دېدى.

ئۇ ئىدلىبتە ھەربىي جىددىيچىلىكنى كەسكىنلەشتۈرمەسلىك ۋە مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ھەمدە ئاستانا مۇساپىسىنىڭ كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەتلىرى بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانغا ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر