يەمەندىكى «ئەڭ قانلىق ئاۋغۇست»

ئاۋغۇست ئېيى يەمەندە «ئەڭ قانلىق ئاۋغۇست» دەپ ئاتالدى.

1039800
يەمەندىكى «ئەڭ قانلىق ئاۋغۇست»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندە ئاۋغۇست ئېيىنىڭ دەسلەپكى 9 كۈنى ئىچىدە 450 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىسىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەمەن توقۇنۇشلار باشلانغان 2015 – يىلدىن بۇيانقى «ئەڭ قانلىق دەۋر» نى باشتىن  كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە توقۇنۇشلار بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. توقۇنۇشلار بولۇپمۇ ھۇدەيدە ۋىلايىتىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، مەھكىمە تالاپەتكە ئۇچىرىغان ئائىلىلەرنى قوغداش ۋە ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

مەھكىمە باياناتىدا، توقۇنۇشۇۋاتقان بارلىق تەرەپلەرنى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا، توقۇنۇش رايونلىرىدىن كۆچكەن كىشىلەرگە «بىخەتەر يوللارنى ئېچىپ، ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكى بېرىشكە» چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر