رۇسىيە دۇنياغا ھەيۋىسىنى كۆرسەتمەكچىمۇ؟

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھەربىي مانېۋىرغا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.

1039782
رۇسىيە دۇنياغا ھەيۋىسىنى كۆرسەتمەكچىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ سىبىرىيەنىڭ ئاباكان شەھىرىدە «2018-ۋوستوك» (Vostok-2018) ناملىق مانېۋىر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1981-يىلى ئۆتكۈزگەن «81-زاپاد» (Zapad-81) ناملىق مانېۋىردىن كېيىنكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان ئەسكەر سانى ئەڭ كۆپ ھەربىي مانېۋىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا تەخمىنەن 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مانېۋىرنىڭ شەرق ۋە مەركىزىي ھەربىي رايونلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، شىمالىي فىلوت، تىنچ ئوكيان فىلوتى ۋە بارلىق ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

11-15-سېنتەبىر كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ شەرقى ۋە سىبىرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا، خىتاي بىلەن موڭغۇلىيەنىڭمۇ ھەربىي قىسىم ئەۋەتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

رۇسىيە  2017-يىلى بېلارۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «2017-زاپاد» ناملىق ھەربىي مانېۋىر، ياۋروپا چېگرالىرىغا يېقىن جايلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 12 مىڭ 700 ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان ئىدى. ناتو شەرقىي چېگرالىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مانېۋىرغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسكەر سانىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، پولشا، لىتۋانىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر