ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىرما يىغىنى چاقىرىلدى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس بىرمادىكى ۋەزىيەتنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا بىخەتەر، ئىزچىللىققا ئىگە ۋە ئۆزى خالىغان ھالدا ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن قايتىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1039458
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىرما يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېرس خەۋپسىزلىك كېڭىشىىدە چاقىرىلغان بىرما يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇ ئۆتكەن ئاي (ئىيۇل) ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار پاناھلىنىۋاتقان باڭلادىشتىكى كوكس بازىرى (Cox's Bazar) دىكى مۇساپىرلار لاگېرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ كۆرگەنلىرىنىڭ كىشىنى ئىنتايىن چۆچۈتىدىغانلىقىنى ۋە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقلارغا پەرۋا قىلماستىن ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا» دېدى.

ئۇ ب د ت نىڭ ئاراكاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ۋە بىرما ئارمىيەسى گېنېراللىرىنىڭ سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلغان دوكلاتى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ سوتقا تارتىلىش مېخانىزملىرىنىڭ، بىخەتەر، ئوچۇق-ئاشكارا، مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر