ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە دوكلاتىدا شىمالىي كورېيە تەھدىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ياپونىيە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئېغىر شۇنداقلا يېقىن تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

1039040
ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە دوكلاتىدا شىمالىي كورېيە تەھدىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇچرىشىشىغا قارىماي، شىمالىي كورېيە مەنبەلىك يادرو تەھدىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى كابېنىتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن مۇداپىئە دوكلاتىدا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا ھاسىل قىلىنغان <يادرو قوراللىرى توغرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار كېلىشىم> گە قارىماي، رايونغا ئالاقىدار تۇراقسىزلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاسىيا تىنچ – ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئېغىر شۇنداقلا يېقىن تەھدىتكە ئايلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تارىخىي قەدەم تاشلاپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشكەن؛ ئىككى رەھبەر، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر